2020.4يەنە بىر ئۇيغۇر لاگىر شاھىدى يالقۇن ئەنۋەر ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى
- tahir imin
- May 5, 2020
- 1 min read
Updated: May 7, 2020

ئافراسياپ،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2020-يىلى ،29-ئاپرىل،ۋاشنگىتون يالقۇن ئەنۋەر 29-ئاپرىل چۈشتىن كىين سائەت 3:30 دە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى.ئۆمەر قانات، دىلدار ئەزىز ، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئايرۇدۇرۇمغا چېقىپ كۈتۈۋالدى. يالقۇن ئەنۋەر شەرقى تۈركستاندىكى جازا لاگىرىغا قامالغان تېرىك شاھدلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2019-يىلى 4-ئايلاردىن باشلاپ، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بىلەن ئالاقە قىلغان.تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇنىڭ بىلەن ۋەتەندىن باشلاپ تونۇشدىغان بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئىنسانى ھوقۇق پىروجەكتى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى -ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە ئىلتماس سۇنغان. ۋاقىت جىددىيلىكى سەۋەپلىك ،شۇ چاغدىكى مۇۋاپىق تاللاش ئارقىلىق يالقۇن ئەنۋەر 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندونوزىيەگە كەلگەن. يالقۇن ئەنۋەرنىڭ ھىندونوزىيەدىن تىز ئايرىلىش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۇچۇن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئۇنى دوكتۇر بۇرھان سېيتقا تونۇشتۇرغان.دوكتۇر بۇرھان ئەپەندى ئۇنىڭ تۇركىيەگە كىلىشگە ياردەم قىلغان ۋە ئستىقلال تېلىۋىزىيەسى ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئۇچراشتۇرغان. يالقۇن ئەنۋەر ئىستىقلال تېلىۋىزيەسى ئارقىلىق ختتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. كىين تۇركىيەدە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغان يالقۇن ئەنۋەر 27-دىكابىر ھىندونوزىيەگە قايتىپ كەلگەن. ھىندونوزىيەگە كەلگەندىن كىين يالقۇن ئەنۋەر ياۋروپا ياكى ئامېرىكىغا كېلىش ئۇچۇن كۆپ تىرشچانلىق قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئىنسانى ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى دىلدار ئەزىز خانىم ۋە تاھىر ئىمىن قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشپ، ئامېرىكىغا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. يالقۇن سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ،ئۆزىگە ياردەم قىلغان بارلىق كىشلەرگە رەھمەت ئىيتىدكەن.ۋە چوقۇم ياخشى جاۋاپ قايتۇرىدىكەن.
Comments