top of page

نىمە ئۈچۈن دۇنياغا ختتاينىڭ غەيرى ئ‍نسانى قىلمشلىرىنى بىلدۇرىشمىز كىرەك؟ستراتىگىيە:

  • Writer: tahir imin
    tahir imin
  • May 7, 2020
  • 1 min read

ئەسلى تېمىسى :«ختتاينى پاش قىلىش يۈرۈشلۈك تەشۋىقاتلىرىمىز »بولۇپ،2020-يىلى 15-ئاپرىل فايىس بۇك بېتىمدە ئىلان قىلىنغان.


ئۇيغۇرىئان

مەن مۇنداق قارايمەن: كۆپچىلىك دۇنيا جامائەتچىلىكى تېخىچە ختتاينىڭ ماھىيتىنى، سياسى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تولۇق تونۇپ يەتمىدى. بىلمىگەن كىشلەردىن بىلىدىغان بىزگە ئوخشاش چۇشەنچىدە بولۇشنى، بىز ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىشنى كۈتۈش ئورۇنسز ! دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ مەركىزى نۇقتىسى- جامائەتچىلىككە بىلدۇرۇش ۋە ئاڭلتىش بولۇپ، يىللاردىن بىرىقى ئۇيغۇر مىللى داۋا ھەرىكىتىمۇ-دەرت ئاڭلىتىش ۋە ختتاينى تەنقىد قىلىشنى ئاساسى نۇقتا قىلىپ كەلدى. ئۇچ يىلدىن بىرىقى ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رەزىل سياسى تەشۋىقاتى قسمەن ئ‍نسانلارغا ئۇيغۇرلار مەسلىسنى بىلدۇرگەن بولدى.ئەمما ئۇلار ختتاينىڭ ئ‍نسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئ‍نسانلىققا خىلاپ قىلمشلىرى ۋە جىنايەتلىرىنى تونۇپ يەتمىدى.بۇ قىلمىشلارنىڭ خىلى كۆپ سالمىقى ھۆكۈمران سنىپ كومپارتىيە بىلەن ۋە مۇتلەق كۆپ قسمى ئۇزۇن مۇددەت دىن،ئەخلاق،قانۇن،ئاخبارات نازارىتى ۋە دىموكراتىيەدىن ئايرىلغان خىتاي مىللىتى بىلەن ئالاقىدار.دۇنيانى ئۆزىمىز ئۇچۇن ھەرىكەتلەندۇرۇش ئۇچۇن ئالدى بىلەن ختتاينىڭ ئۇلار ئۇچۇنمۇ كەلتۇرىدىغان ئاپەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشىمىز كىرەك، مۇھىمى ئۇلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئوخشاش دۇشمەنگە يولۇققانلىقىمىزنى بىلدۇرىشمىز كىرەك.ختتاي كورونا ۋېرۇسى دۇنيانىڭ ختتاينىڭ ماھىيتىنى تونۇيدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.

بۇگۇن بۇ مەقسەتكە دۇنيا جامائىتى بىلەن بىرگە يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى! دۇنياۋى تاراتقۇلارغا چىقالمىساق ئىجتىمائ‍ى تاراتقۇلار ئارقىلىق قىلغان ھەر بىر سۆزىمىز، يازىقىمىز، نۇتۇقىمىز تەسر كۆرستىدۇ!

بىر مېسال: «ئۇ ئەن ئەن»قانىلىمىزنىڭ بۇ تېۋتتر ۋىدىئوسى « بىر مىلىيون سەككىزيۇزمىڭ »ئاز كەم 2 مىلىيون قېتىم كۆرۈلۈپتۇ. بۇ ۋىدىئودا ختتاي مىللىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان، يىرگەندۇرىدىغان دەرىجىدە قۇرت-قوڭغۇز، جانۋارلارنى يەۋاتقان كۆرۈنۈشى بىرىلگەن بولۇپ، ئۇچ مىڭ قېتىم قايتا يوللانغان، ئالتە مىڭ كىشى ياقتۇرغان، 1000ئەتراپىدا ئىنكاس يېزىلغان. بۇ ئاكادىمىك خىزمەتكە ئوخشاش چوڭقۇر ياكى ئىلمى بولمىسمۇ ، بۇ 1000كىشلىك نۇتۇقتىن 2000قېتىم ئۇيۇشتۇرغاننىڭ ئاممىۋى ئۇنۇمى ھسابلىنىدۇ. بۇ خىزمەتلەر -ئاز سانلىق ئاكتىپلار ،مەن ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىكى جاپاكەش قىرىنداشلارلا ئەمەس، ھەممىمىز جان كۆيدۈرۈپ ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنۇمىنى كۆرەلەيدىغان خىزمەتتۇر، بىز بۇ قېتىم باشلىغان ھەرىكەتنىڭ باشقا مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىنكاسىمۇ كۆرۇلۇشكە باشلىدى.پات ئارىدا ئىلان قىلىمىز!

Komentar


Join our mailing list

Thanks for submitting!

  • Facebook Black Round
  • Twitter Black Round

© 2023 by Parenting Blog

Proudly created with Wix.com

500 Terry Francois St. San Francisco, CA 94158

info@mysite.com

Tel: 123-456-7890

Fax: 123-456-7890

bottom of page