top of page

:2020-4ختتايلار: سنى كورونا ۋېرسى بىلەن يۇقۇملاندۇردۇق.

  • Writer: tahir imin
    tahir imin
  • May 8, 2020
  • 2 min read


تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.

بۇ ئ‍ش ئىككى كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىدى. باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىششنى مۇۋاپىق كۆردۇم. مەن 4-ئايدىن باشلاپ،ھازىرقى تۇرالغۇيۇمنى ئىجارىگە قويۇپ،باشقىلار بىلەن بىللە تۇرۇش ئۈچۈن تورغا ئىلان بەرگەنىدىم، دەسلىۋىدە كۆپ ئادەم ئۇچۇر قىلدى، ئەمما نۇرغۇنلىرىنى مەن مۇۋاپىق كۆرمىگەنىدىم، ئاخىرىدا ئۆزىنى « مەن ئىداخو شتاتىدا،بالام كالىفۇرنىيەدە تۇرىدۇ، ۋاشنگىتونغا ئوقۇغىلى بارىدۇ » دىگەن بىرى، ئۇچۇر يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيۇمنىڭ ئورنى ۋە تەسۋىرلىرىنى ياقتۇرغانلىقىنى ئىيتتى. 8-ئاپرىل ۋاشنگىتونغا كىلىدىغانلىقىنى، ئۆينى باشقىلارغا بىرىۋەتمەسلىك ئۇچۇن ئالدىنئالا زاكالەت پۇلىنى چەك يېزىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىيتتى. مەن تىلفۇن قسقا ئۇچۇردا تەپسلى ئۇچۇرلاشقاندىن كىين، «ئوقۇغۇچى ئىكەن، ماس كىلىدىكەن، گەپ سۆزى جايىدا » دەپ ئويلاپ ،پوچتا ئادرسىمنى بەردىم. ئىككى كۇندىن كىين، ئۇ ئەۋەتكەن چەك پوچتىدىن يېتىپ كەلدى. مەن پۇلنى تېخى ئالماي تۇرۇپ، ئۇ ماڭا :«بالام كالىفۇرنىيەدىن ۋاشنگىتونغا بارىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭغا ساڭا ئەۋەتكەن پۇلدىن 1000 دوللار سلىۋەتكىن» دىدى،مەن :«« توختا،ئاۋال بانكىغا كىرىپ باقاي » دىدىم.چەكنى بانكىغا ئەكىردىم، ئىچىدە پۇل يوق، پوسولكا سرتىغا قارسىام، ئىداخو شاتىدىن ئەمەس، جورجىيە شتاتىدىكى بىر ختتايچە شركەت نامى تۇرىدۇ، كاللامغا گۇمان كەلدى،بۇ توغرا ئەمەسقۇ دەپ.بانكا خادىملىرىغا بولغان ئ‍شنى بىلدۇردۇم، ئۇلارمۇ ئوخشاش گۇمان قىلدى. مەن چەك ئەۋەتكۇچىگە تىلفۇن قىلدىم.«سنىڭ ھەرىكىتىڭ تازا توغرا ئەمەس،پۇل كەلمەپتۇ،ئاندىن سەن دىگەن ئادرسىڭمۇ توغرا ئەمەس،سەن سەمىمى ئەمەسكەنسەن »دىدىم،ئۇ ئاسيالىقلارنىڭ ئىنگىلىزچە شېۋىسدە ،«توغرا پۇل يوق،ئەمما كورونا ۋېرۇسى بار،سەن ھازىر ۋېرۇستا مۇسبەت بولدۇڭ» دىدى.مەن «:نىمە ئۇچۇن بۇنداق قىلىسەن ؟»-دەپ سورىدىم.ئۇ :«چۈنكى مەن ھەممە ئادەمگە ئەسكىلىك قىلىمەن» -دىدى.«خەپ،ختتاي ،خەپ » دەپ تىلفۇننى قويۇۋەتتىم.ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئاسيالىق ئىدى. شۇنچىلىك كەپيىم ئ‍ۇچتى ۋە ئاچچىقىم كەلدى،شۇنداق ئالدىراش ئىدىم.يېرىم كۈن ۋاقتىمنى زايە قىلغىنغا قاتتىق نەپىرتىم قوزغالدى. بولغان ئ‍شنى بىر ئىككى يېقىنلىرىمغا دىدىم، ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمنى تاپىلىدى، ساقچىغا مەلۇم قىلدىم. ۋاشنگىتون شەھەرلىك ساقچى ئىدارسى «ئۆلۇم تەھدىتى دىلوسى»تۇرغۇزدى. ئۇ ئەۋەتكەن خەت، قسقا ئۇچۇردىكى «مەن ساڭا ئەۋەتكەن پوسولكا ۋېرۇس ،سەن ھازىر كورونا بىلەن مۇسبەت »دىگەن مەزمۇن ،تىلفۇن نۇمۇرى، ئادرس قاتارلىقلارنى بەردىم.شۇنچىلىك قورسىقىم كۆپتى.ئالدى بىلەن ئاي بېشىدا باشقىلارغا ئىجارە بىرىمەن دەپ تەييارلىغان ئۆينى مەن ئالىمەن دەپ باشقىلارغا ئىجارە بىرشتىن توسۇپ قويدى.ئاندىن شۇنچىلىك ۋاقتىمنى ئالدى،ئاندىن سەل ئەندىشە قىلغانمۇ بولدۇم،مىنىڭ بىۋاستە قىلىشىمچە،بەلكىم بۇ بىر پۇل ئالدامچىسى بولۇشى مۇمكىن،مەندىن پۇل ئۇندۇرەلمەي ،مىنى تىرىكتۇرۇش ،قورقۇتۇش ئۇچۇن«ۋېرۇس ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن».ئەمما دوختۇر دوسلىرىمنىڭ دېيشچە،14 كۇن ئۆزۇمنى كارانتىن قىلىپ،ئالامەتلەرگە ئاساسەن،ۋاقىت توشقاندا ،تەكشۇرتۇپ بېقىشم كىرەككەن.مەن ساقچىلاردىن پوسولكىنى تېببى تەكشۇرۇپ بېقىشنى دىدىم.ئەمما ئ‍ۇلار ئۇ قەدەر ئەستايىدىل كۆرۇنمىدى،ھەم قىلىدىغان ئ‍شلارمۇ بەك كۆپ بولسا كىرەك،ئەگەر تاساددىپەن،راستىنلا ۋىرۇس بولغان تەقدىرىمۇ ،يۇقۇملانماسلىقىم مۇمكىن،يۇقۇملانساممۇ ئۆلمەسلىكىم مۇمكىن،ئۆمۇرنى ئاللاھ بىرىدۇ،قىلىدىغان ئىشلىرىم بەك كۆپ،ھىچبولمسا بەش يىل ياشسام ،ئ‍نسانلىققا زىينىم تەگمەيتتى دەپ ئويلايمەن. تۆۋەندىكى ئۇچۇردا ئۇنىڭ :«ساڭا ئەۋەتكەن چەكنىڭ ئىچىدە كورونا ۋېرۇسى بار،ئۆزۇڭنى تەكشۈرت.سەن ھازىر مۇسبەت»دىگەن ئۇچۇرى بار .

Commentaires


Join our mailing list

Thanks for submitting!

  • Facebook Black Round
  • Twitter Black Round

© 2023 by Parenting Blog

Proudly created with Wix.com

500 Terry Francois St. San Francisco, CA 94158

info@mysite.com

Tel: 123-456-7890

Fax: 123-456-7890

bottom of page