(2020)كىچىك نەتىجىلەر:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋەرلىرى چوڭ تاراتقۇلاردا
- tahir imin
- May 7, 2020
- 1 min read
كىچىككىنە قوش خوشاللىق !
ئاگېنتلىقىمىزنىڭ تەشۋىقات كۇچى ئاز بولسمۇ پات-پات ئۇنۇم بەرمەكتە
1-خوشاللىق
https://twitter.com/UNNTV1/status/1257774782973644800?s=20
5-ماي ئۇيغۇر كۇنى -«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى »كۇنىمىزدە، پۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ناھايتى زور قىزغىنلىق بىلەن بايرام تەبرىكلەۋاتقاندا، ستىراتىگىيەچى ستۋىن بانون رىياسەتچىلىكىدىكى « ئۇرۇش ئۆيى »پىروگىراممىسدا، ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى ئۇيغۇر دوپپىسنى كېيىپ، «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى»نى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.پىروگىرامما ئاخىرىدا،ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر دوپپىسى»نى كېيدىغانلىقىنى چۇشەندۇرىمىز دىگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭ بۇ ۋىدىئوسنى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇ ئەن ئەن قانىلىدا ئىلان قىلغان ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئىيتقان ئىدۇق.
2-خوشاللىق

ئۇلارنىڭ «ئۇرۇش ئۆيى »ئاخبارات تورى بېكىتىنى تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە ، ئۇيغۇر ۋەزىيتى تونۇشتۇرۇلغان ماقالە ئىلان قىلغان. ماقالىدە ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سياسىتى قسىقىچە تونۇشتۇرۇلغان .ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە توختالغان.بۇ بىز ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىكىلەر ئۇچۇن يەنە بىر مۇھىم ئەھمىيتى شۇكى، مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ « ئۇ ئەن ئەن »نىڭ ستىۋىن بەنون ، «ئۇرۇش ئۆيى » ۋە ئىككى پىروگىرامما رىياسەتچى« راھىم كاسسام، جەك ماكسى »قاتارلىقلار ھەققىدە:«ئامېرىكىنىڭ سياسى مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ستىراتېگىيەچىلىرى ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىدا دوپپا كېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى »دىگەن تۋېتترىمىزنى ماقالىسگە كىرگۇزگەن بىز ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىمىز ! ئۇلارنىڭ ئاڭلارمەنلىرى ئەڭ كەسكىن ئوڭچىلار،كونسرۋاتىپ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ئىبارەت!
Comentários