2020-4بەزىلەر نېمىشقا سۇكۇتنى تاللىۋالدى؟
- tahir imin
- May 5, 2020
- 1 min read
Updated: May 7, 2020
سزچە بۇ توغرىمۇ؟ سز نىمە قىلىۋاتىسز ؟

مەن چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان خىلى كۆپ ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى دوسلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم.ئۇلارنىڭ مىللەت ئۇچۇن خىزمەت قىلىش روھى بارلىقىنى بىلەتتىم.ئۇلارنى تېخىمۇ ئاكتىپراق بولۇشقا تەشەببۇس قىلغىنىمدا مۇنداق جاۋاپلارنى ئاڭلىدىم:ۋەتەندىكىلەر ئۇچۇن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدىكەنمىز: چۇنكى سياسى ساھەدە خىزمەت قىلايلى دەپ تەشكىلاتلارنى ئىزلىسەك،بىزگە لايىق خىزمەت تەقسماتى يوقكەن.ئۇلار ھەم ئالدىراشكەن،بىزنىڭ لازىمىمىز يوقكەن، ئۆزىمىز ئايرىم قۇرساق،بۆلگۇنچى بولىدىكەنمىز، بۆلۇنۇش بولىدىكەن.شۇڭا ۋەتەن سرتىدىكى خەلقىمىز ئۇچۇن بىر ئىش قىلىپ بىرەيلى دەپ ئويلاپ،مائارىپ ۋە ساپانى ئەڭ مۇھىم ۋە جىددى ئىش دەپ قارىدۇق،ياخشى ماقالە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلساق،پايدىلىق دەرسلىكلەرنى تەييارلىساق، بىرەر مىڭ كىشمۇ كۆرمەيدىكەن.ئەمما ھەممىسى فايس بۇكتا چوقۇم تىللىشىدىغان،سوقۇشىدىغان يەردە باركەن.بۇ خەلق كەسپى ۋە تېخنىكىلىق نەرسە ئۆگەنمەيدىكەن.خەق بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىپ ،تورغا چېقىپ سوقۇشىدىكەن.بۇلار ئۆز-ئارا چوقۇلۇشۇپ ئۆتسلا بولىدىكەن.سز چەتكە تېخى يېڭى ،بۇ خەق ئون يىلنىڭ ئالدىدمۇ شۇنداق ئىدى. ئەگەر مائارىپ بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرمىسا يەنە ئون يىلدىن كىينمۇ بىر-بىرىنى تىللاپ، نامراتلىق، نادانلىق ، نامەرتلىك بىلەن ئۆتۇپ كېتىدۇ. سز دەڭا بىز زادى قانداق قىلايلى؟بىزمۇ ئۇلارغا ئارىلىشپ، ياشساق، يەنە تۇگىمەس مەينەت ماجرالارغا كىرىپ قالىدىكەنمىز. غەيۋەت-شكايەت دىگەن پاسسپ ئىنىرگىيە،ئىنسان روھىغا بەك قاتتىق تەسر كۆرستدۇ! ھەممە ئىشنى ،خىزمەتنى،سالامەتلىكنى ،ئائىلىنى تەلتۆتۇكۇس بۇزالايدۇ.توردا ئوينايدىغانلارنىڭ كۆپ قسمى چۇشكۇن، رىيال دۇنيادا ئۇتۇق قازانمىغان، رتور ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ئادەملەر! ئۇلار ئىجابى نەرسلەرنى كۆرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن نىرى تۇرۇشنى تاللىدۇق .ئاۋال خىزمىتيمىزنى ياخشى ئىشلەپ، تەتقىقاتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلىرىمىزنى سۇپەتلىك ئۇيغۇر قىلىپ تەربيلىسەك، شۇلارنىڭ كۇنىگە قالماي،ۋەتەندىكى نوچى ئۇيغۇرلاردەك بولسا دەپ كۇچەۋاتىمىز! سزچە ئۇلارنىڭ قارشى قانداق؟
Comments