top of page

«ئۇيغۇر پىتنە-پاساتچىلار جەمئىتى» ۋە «ئۇيغۇر جىدەل-ماجرا تەتقىقاتچىلار ئىنۇستىتۇتى » قۇرۇش ھەققىدە ت

  • Writer: tahir imin
    tahir imin
  • May 5, 2020
  • 2 min read

Updated: May 7, 2020


May 2 at 10:18 AM · «ئۇيغۇر پىتنە-پاساتچىلار جەمئىتى» ۋە «ئۇيغۇر جىدەل-ماجرا تەتقىقاتچىلار ئىنۇستىتۇتى » قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ پۇتۇن دۇنيادىكى پىتنە-پاسات،غەيۋەت ھىرىسمەنلىرىگە! شۇئارىمىز:شەرقى تۇركستان مۇستەقىللىقى ئۇچۇن ھەممەيلەن سستىمىلىق جەمىيەت ۋە دەرنەكلەرگە ئۇيۇشۇپ،كەسپلەشكەن غەيۋەت،پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتايلى ۋە تەتقىق قىلايلى بىز پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي تۇرۇپ، قەتئى مۇستەقىل بولالمايمىز! ئۇيغۇرىئان ئىلگىرى بىر يازمىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، مەن چەتكە چىققان ئۇچ يىلدىن بىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارسىدا تەخمىنەن ھەپتىدە بىر قېتىم چىرايلىقراقى «كەسكىن ئىچكى كۆرەش » ياكى ماجرا، توغرىراقى «پىتنە-پاسات » تۇغۇلۇپ كەلدى. بۇنىڭ تاماششبىنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ۋەزىيتى ۋە ھەر قانداق مىللى ھەرىكەتكە ئائىت خەۋەرۋە ھادىسلەردىن كۆپ بولۇپ كەلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكىلەر يۇز-تۇرانە ئۇچرشالمىغانلىقىمىز ئۇچۇن قىزىزىق تېما مۇنازىرە ياكى ئىغىۋالارنى ئىجتىمايى تاراتقۇ ئارقىلىق ناھايتى تىزلا تارقاتتۇق. بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىكىنى سۇرۇشتۇرۇش ۋە يۇزلىشش ئىمكانىيتىمۇ يوق بولۇپ كەلدى. ماجرا تېمىلىرى ئاساسەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنى قارىلاش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئىككى -ئۇچ كىشى ئوتتۇرسدىكى شەخسى تالاش تارتىشقىچە، بەزىدە مىللى مەنپەئەت تېمىسدا ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىشقىچە سوزۇلدى. كۆرۇپ يەتتۇقكى، زىھنىمىز، ۋاقتىمىز، ھاياتىمىزنى ئەڭ رازى بولۇپ، خۇشاللىق بىلەن دەسمايە سىلىپ بەرگەن ئىشمىز مۇشۇ بولدى. ماجرالاردا سەمىمىيلەر چۇشنشكە ياكى چۇشەندۇرۇشكە ،پۇرسەتپەرەسلەر ھەر قېتىملىق ماجرادىن نەپ ياكى ھوزۇر ئىلىشقا تېرشتى. ئاۋام ئارسدا بۇ خىل ماجرالار ناھايتى ئىغىر سەلبى تەسر قوزغىماقتا: مىللى ھەرىكەت ئۇچۇن ئاۋاز چېقىرىدىغاندا ئادەم يوق، ماجراغا كەلگەندە ھەممىسى باشى !مىللەتنىڭ سەركىلىرى بولۇۋالغانلار باشلىغان پىتنە پاسات دەۋرىدە، ئەمەلى ھەرىكەتلەرگە ئامالسز قالغان خەلقىمىز-پىتنە-پاساتلارغا خۇمار بولۇپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن، ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت تۆۋەنلىمەكتە، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق سۇسلىماقتا. مىللەت ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىدىغانلارغا سوغۇق سۇ سېپىلمەكتە. نۇرغۇن كىشلەر سياسى ھەرىكەت سېپىمىزدىن يىراقلاشماقتا. كەمىنە كاللىسسدا خيال كۆپ، قولىدا ئۇششاق ئىش تولا بىر ئادەم بولغانلىقىم ئۇچۇن، فايس بۇكتىكى مۇنازىرىلەرگە، ۋاتىس ئاپتىكى جىدەللەرگە قەتئى ئۇلگۇرۇپ ئاڭلاپ، چۇشىنىپ ،ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىدىم .چۇنكى ئىنكاس يېزىش ئۇچۇن تولۇق چۇشىنشكە ۋاقىت كېتىدۇ. چۇشنىش ئۇچۇن ھەممە ئۇچۇر، ئاۋاز، ئارقا كۆرۇنۇش، ئوبزورلارنى ئوقۇشقا توغرا كىلىدۇ. نەچچە قېتىملىق ماجرالارنى چۇشنىپ باقاي دىدىم، تۆت -بەش كۇن مۇناسۋەتلىك ماجرا ئۇچۇرلىرىنى كۆرۇپ، ئەمدى بىر نەرسە چۇشنەي دىگەندە، دەرھال يېڭىدىن بىر ماجرا كۆتۇرۇلدى.كونىسى ھەققىدە بىر خۇلاسە، توغرا-خاتالىق ھۆكۇمى ، سەۋەب -نەتىجىسى ھەققىدە بىر تەجرىبە يەكۇنلەنمىدى .غىرىپلىق ۋە چۇشكۇنلۇكتە پسخسكىسى تولۇق بۇزۇلغان خەلق -ئۆز-ئارا قامچىلاپ بىر بىرىنىڭ ئازاۋىدىن روھى شادلىق ئىلىۋاتقان مەنزىلەرگە شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇنى توختاتقىلى بولمىدى.شۇڭا ۋايىغا يەتكۇزۇپ باقامدۇق؟ شۇڭا ئەمدى ھەممىمىز چوڭ جەھەتتە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۇنۇپ پىتنە-پاسات ئىنقىلاۋىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۇرسەك: بىرىنچى گۇرۇپپا«دۇنيا ئۇيغۇر پىتنە-پاساتچىلار جەمئيتى»بولۇپ،پۇتۇن ئۇيغۇر جامائتى ئەزا بولسا بولىدۇ،نشانى:پىتنە-پاسات ئىنقىلاۋىنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش! توردا پارتىزانلارچە غەيۋەت قىلىشماي، رەسمى كەسپلەشسەك! مەخسۇس جەمىيەتلەرگە ئۇيۇشۇپ، رەئىسلەرنىڭ يتەكچىلىكىدە غەيۋەت- پىتنە-پاساتلارغا مەسئۇل بولساق!بۆلۇملەرنى تەسسس قىلىپ،چوڭلارنى تىللاشقا ئايرىم،ئاياللارنى تىللاشقا ئايرىم،ئۆلىمالارنى تىللاشقا ئايرىم، تەشكىلاتلارنى تىللاشقا ئايرىم ئادەم ئاجراتساق! مەخسۇس تۇر ئىلتىماس قىلىپ،ھۆكۇمەت ياردىمى بىلەن ئىغۋا تارقاتساق،ئىغۋالىرىمىزنىڭ ئۇنۇمى قانچە ياخشى بولار؟ ئىككىنچى گۇرۇپپا :يۇقىرىدىكى پىتنە-پاساتچىلارنىڭ تارقاتقان ئىغۋالىرىنى تەتقىق قىلىدىغان «ئۇيغۇر پىتنە ماجرالار تەتقىقاتچىلار ئىنۇستىتۇتى» بولۇپ،ئەزالىرى ساۋاتى بار، ئازراق چالاياكى تولۇق ئوقۇغانلار، موللا-زېيالى، ھەممىسى بۇلار: «كىم زادى قانچىلىك پىتنە تەردى؟»،«قانچىلىك ئادەم قاتناشتى ؟»،«ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئازاپ بەخش ئەتتى ؟» تەتقىق قىلىپ ،نەتىجسنى ئىلان قىلىشقا مەسئۇل !

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىد غەيۋەتخۇمار تورداشلارنىڭ تەكلىپلىرىمنى ئەستايىدىل ئويلىشپ بېقىشنى سورايمەن. بۇ ئىككى ئورگان قۇرۇلسا،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 12 خىل تىل قانىلىمىزدا ھەقسز خەۋەر بىرىشنى ئۇستىگە ئالىدۇ. ھۇرمەت بىلەن مەندىن!

Comments


Join our mailing list

Thanks for submitting!

  • Facebook Black Round
  • Twitter Black Round

© 2023 by Parenting Blog

Proudly created with Wix.com

500 Terry Francois St. San Francisco, CA 94158

info@mysite.com

Tel: 123-456-7890

Fax: 123-456-7890

bottom of page