top of page

2020 ئامېرىكىدىكى تۇنجى مەيدان مۇشلىششىم:

  • Writer: tahir imin
    tahir imin
  • May 5, 2020
  • 2 min read

Updated: May 7, 2020


ئۇيغۇرىئان


ھازىرغىچە ھايات مۇساپەمدە ئوتتۇرا ھساب بىلەن ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم چوڭ ئۇرۇشۇش ياكى جسمانى توقۇنۇشنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئسرائىلىيەدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغاندا،قوراللىق »دۇرۇز«لارنىڭ قورشاۋىدا قول ياندۇرۇش ئىمكانىم بولمىغانىدى. بۇ قېتىمقىسى ئۈچىنچى ئاينىڭ بېشدا ۋاشنگىتوندا يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بىرىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مىجەزىم يوق،ئۆيدە ئارام ئىلىپ ياتقان ئىدىم، ئامېرىكىلىق دوستۇم سارا يوقلاپ تاماق ئىلىپ كەپتۇ، ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۇچۇن بىنانىڭ زالىغىچە بىللە چۈشتۈم،ئارلىقتا تىلفۇن كىلىپ قالدى، مەن بىر چەتكە ئۆتۈپ تىلفۇندا سۆزلەشتىم، قىز زال مەركىزىدىكى سافادا مىنى ساقلاۋاتاتتى، شۇ ئارىدا بىر قارا تەنلىك يولداشنىڭ سارانىڭ يېنىغا كىلىپ بىر نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى كۆردۇم،كۆزۇمنى ئۇزمىدىم،قارا داۋاملىق ئىچكىرىلەپ سارا ئولتۇرغان سافاغا كىلىپ ئولتۇردى.ئولتۇرۇپلا سارانىڭ بوينىغا قول ئۇزاتتى،ھەيران قالدىم، سارا ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرۋەتتى، قارانىڭ قىلمىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى، كۇپكۇندۇزدە، ئاممىۋى سورۇندا، بىر قىزنىڭ بوينىغا قول ئۇزۇتۇشنى قانداق بىر كىشى قوبۇل قىلالىسۇن؟ مەن يۇگرەپ بىرىپلا .»ئەبلەخ ،كىمسەن؟ ئۇنىڭغا قول تەككۇزۇشكە قانداق پېتىندىڭ ؟«دىگىنمچە، ئۇنىڭ ياقىسدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم، ئۇمۇ ھۇرپەيدى، كۆكرەك قسمىغا كىلىشتۇرۇپ مۇشتىن بىرنى ئۇردۇم، ئۇ ئۆزىنى ئوڭشۋالغاندىن كيېن ماڭا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، مەن پۇت ھەرىكىتىمنىڭ چاققانلىقى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا بىر نەچچە پەشۋا ئاتتىم. زال ئىچى پات-پاراق بولۇپ كەتتى.كىشلەر ۋارقىراشقا، قېچىشقا باشلىدى. ھەر ئىككىلىمىز يېقىلدۇق، يەردە ئېتىشمىدۇق، ئورنىمىزدىن يەنە تۇردۇق. ئەمدى دىققەت قىلدىم، بۇ ئەبلەخ بوي-بەستى راۋرۇس كىلىشكەن، ئىگىز گۇيكەن.ئۇ مىنىڭ ياقامدىن سۆرىگەنچە تېشىغا ئىلىپ چىقتى، بەلكىم ئىچىدىكى كامىرادىن قورققان بولسا كىرەك، تېشىدا كەڭرى سەينادا رەسمى تۇتۇشتۇق. مەن پاكار، ئۇ ئىگىز، مىنىڭ تاكتىكام يۇگرەپ چېقىپ، ئۇنىڭ نەرى بولسا، يۇز، باش،كۆكرەك قسمىغا تېپىش ياكى ئۇرۇش، ئارتۇقچىلىقىم دەل تەككۇزۇش ۋە تىزلىك.ئۇنىڭ تاكتكىسى مۇش بىلەن بىۋاستە يۇز قېسممغا تەككۇزۇش بولدى. ئارتۇقچىلىقى -كۇچلۇك ئەمما سۇرئەت ئاستا. نەتىجىدە، سرتتىكى جەڭدە، ئۇ ناھايتى كىلىشتۇرۇپ مۇشتىن بىرنى ئاغزىمغا ئۇردى، مەن يېقىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرغۇچە ئۇ بىر نەچچىنى دەسسدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرنى تېپەلىدىم،ئۇ قاچتى، ئۆزۇمنى توختىتپ قارسام ئىغىز-بۇرنۇم چۇۋۇلۇپتۇ، بەش مىنۇتتا ساقچىلار كەلدى، بولغان ئەھۋالنى بىنا مەسئۇللىرى چۇشەندۇردى، ئۇلار كامىرانى تەكشۇردى،ئاپپارات ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى كۆك چاپان كىيۋالغان، بىر قارا سومكا ئاسقان،30 ياشلار چامىسدىكى ئىگىز قارا تەنلىك ئەرنى تۇتۇش ئۇقتۇرۇشى قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بىر نەچچىسى قسقا خاتىرە يازدى. ئارلىقتا ئىككى ئادەمنى تۇتۇپ كىلىپ ، شۇمۇ دەپ كۆرسەتتى ، ياق دىدىم، قانۇن دوختۇرى كىلىپ تېزىملىدى.يۇز-كۆزۇم، ئاغزىمنى تەكشۇردى، ئۇلار تەكشۇرۋاتقاندا، پاڭ-پاڭ ئىككى پاي ئوق ئېتىلدى، ماشنىدىن چۇشۇپ قارساق، ئىككى يۇز مىتىر كىلىدىغان يەردە ئىككى قارا تەنلىك يەردە ياتىدۇ، ئۇلار ئۆلگەن بولسا كىرەك. شۇنىڭ بىلەن ماڭا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ساقچىلار قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كەتتى. كىين سوتقا چىقارمەن دىسەم، ئۇ ئەبلەخنىڭ ھىچقانداق ئۇچۇرىنى تاپالمىغان بولسا كىرەك. سارا ماڭا: بۇ ھاياتىمدا بىر يىگىتنىڭ تۇنجى قېىتىم مەن ئۇچۇن ئۇرۇشۇشى؛ دىدى.مەن جاۋابەن: سز مىنى يوقلاپ كەلدىڭىز، مەسئۇليتىم دىدىم،گەرچە ئوقۇغان ئادەم پەقەت قەلەمگىلا ئېسلپ قالماسلىقى كىرەك دىگەنگە ئىشەنسەممۇ ،ئەمما، ئۇرۇشۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۇنى كەچتە ئۆزۇمنى بەك گۇناھكاردەك،خاتا قىلغاندەك ھس قىلىپ بەك بىئارام بولدۇم.چۇنكى مەن بەربىر ئىشلارنى مۇشلىشپ ھەل قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىىدىم .

شۇنىڭدىن كىين بىنا مەسئۇللىرى ھەر قېتىم كۆرسە، بىزنىڭ چامباشچى ئاغىنەدەپ قويىدىغان بولدى

Comments


Join our mailing list

Thanks for submitting!

  • Facebook Black Round
  • Twitter Black Round

© 2023 by Parenting Blog

Proudly created with Wix.com

500 Terry Francois St. San Francisco, CA 94158

info@mysite.com

Tel: 123-456-7890

Fax: 123-456-7890

bottom of page