top of page

2020-4-لەغمەندىنمۇ چېقىپ قالامدۇ؟ !

  • Writer: tahir imin
    tahir imin
  • May 8, 2020
  • 1 min read

لەغمەندىنمۇ چېقىپ قالامدۇ؟ !

بۇ يازما فايىس بۇك بېتىمدە 2020-يىلى 12-ئاپرىل ئىلان قىلغان،63 ئىنكاس يېزىلغان،چاقچاق.ئاددى گەپلەر،يېقىنلىقلار،توي قىلىش تەكلىۋى،تاماق ئېتىش ئۇسۇلى ۋە لەغمەنگە بولغان ئ‍ىنكاسلار يېزىلغان.



نەچچە ۋاقتتىن بىرى، ھەپتىدە تەخمىنەن ئۇچ قېتىم تاماق ئېتىپ، باشقا چاغدا ئانچە -مۇنچە سرتتىن تاماق يەيدىغان ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى يەپ كەلگەن ئىدىم. پەقەت لەغمەن ئېتىشنىلا ئۆگىنىپ باشقا تاماقنى ئوخشتالمايتتىم. «ۋېرۇس قاماقخانىسى »سەۋەبلىك، ئىككى ئايدىن بىرى، يەتتە كۈن تولۇق ئۆيدە ئۆزۇم تاماق ئېتشىكە مەجبۇر بولدۇم. خۇدانىڭ ھەققىدە، بىرلا تاماق ئېتىشنى بىلىمەن: لەغمەن.ئەتكەن لەغمىنىم قورساق قاتتىق ئاچقاندا تېتتىغان بىلەن،توختىماي يەۋەرسە، قازان بېشغا ھۆ بولۇپ كېتىدىكەن!ماي پۇرساممۇ ئاچچىقىم كىلىدۇ،تاماق يېمەي تۇرۇپ كاللامغا كىلىدىغان ئىنكاس «ھىلىقى ئوخشاش تەم،ئوخشاش رەڭ ،ئوخشاش سەي-خېمىر شۇغۇ »خەپ،خەپ دەپ! تۇرۇپ ئېتىمەن. رەھمەتلىك دادام لەغمەنگە ئاجايىپ ئامراق ئىدى.ئۇچ ۋاق دىگۇدەك لەغمەن يەيتتى،ئېنممۇ شۇنداق .مەنمۇ شۇنداق ئىدىم.مەن لەغمەندىن چىقمايمەن.دولاننىڭ لەغمەنلىرىدىن چېقمىدىم !😁ئاۋۇ كۇنى بىر ئوخشغان لەغمەن يەپ كۆزۇمدىن ئوت چېقىپ كەتتى ☹️ ئەمما ئۆزۇمنىڭ ئوخشمىغان لەغمىنىدىن چېقىشىم كىرەك. شۇڭا دەرھال پولو ،يەنە باشقا ئۇيغۇرچە تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئاچاشلار ،رېتىسپ بولسا ئەۋەتىپ قويارسلەر! ئەسكەرتىش:بۇ تېما ئايال كېشى ياكى نىكاھ بىلەن مۇناسۋەتسز !

Comments


Join our mailing list

Thanks for submitting!

  • Facebook Black Round
  • Twitter Black Round

© 2023 by Parenting Blog

Proudly created with Wix.com

500 Terry Francois St. San Francisco, CA 94158

info@mysite.com

Tel: 123-456-7890

Fax: 123-456-7890

bottom of page