--2020-4ۋەتەندىكى گۈزەل سەنئەتكارلىرىمىزنى سېغىندىم
- tahir imin
- May 5, 2020
- 1 min read
Updated: May 7, 2020

ئۇيغۇرىئان چەتئەلدە ئادەمنى يىرگەندۇرىدىغان مەينەت ئاممىۋى مۇناسۋەت قاينىمىدا ، سۆيگۇدىن كۆرە، جىدەل ئەۋج ئالغان بىر مۇھىت بىزگە ئۇنتۇلغان سۆيۇملۇك كىشلىرىمىزنى ئەسلىتىدۇ: ئۇلار ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى بىلەتتى، شۇڭا خانتەڭرىنى، تارىمنى، بۇغدانى، تەكلىماكاننى ناخشىسغا قاتاتتى. ئۇلار كىملىكىنى بىلەتتى: شۇڭا مەھمۇت قەشقەرى، يۇسۇپ بوۋام، لۇتپۇللا مۇتەللىپ دەپ توۋلايتتى! ئۇلارغا پەرزەنىتنىڭ كەلگۇسى لازىم ئىدى: شۇڭا ئىلىپبە، ئانا تىلىم، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار، ئوماق توشقانچاق ناخشلىرىنى بالىلىرىغا ئۆز تىلى بىلەن ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇلار مۇھەببەتنى چۇشىنەتتى : ئانا، دادا، ئۇستاز ، ئايال ، پەرزەنت كۇيلىرىنى ئەڭ كۆپ توۋلىغان خەلق ئىدى. بىلىم ۋە مەرىپەتنىڭ مىللەت ئۇچۇن مۇھىملىقىنى بىلەتتى:شۇڭا بىلىم ئىشقىدا،ئوقۇغىن، ئۇستاز مىھرى، ساۋاقداش قاتارلىق مەڭگۇلۇك كۇيلەرنى تەقدىم قىلغانىدى. تارىخنى بىلەتتى ۋە بىلدۇرگۇسى كىلەتتى :چالا تەككەن ئوق، مىھمان، ۋەتەن، كونا مىلتىق، ھەي دوستۇم، ئوۋچى، ئۇچراشقاندا ،قاتارلىق كۇيلىرىنى تەقدىم قىلغانىدى. ئۇلار ئەخلاقى قىممەتلەرنى قەدىرلەيتتى : سەمىمىيەت، دوسلۇق، مىھىرى-شەپقەت، ئائىلە ھەققىدە قەلب ساداسنى ياڭراتقان ئىدى.تاپقانلىرىنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشاتتى. كېسەللەر ،ئاجىزلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىشقا ئالدىرايتتى، ساخاۋەت كىچىكلىرىدە ھەقسز ئويۇن قوياتتى. ئۇلار ئۆز رىئاللىقىنى بىلەتتى، ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى ئەڭ نازۇك قاتلامدا چۇشىنەتتى،شۇڭا خەلقنىڭ ئازاۋىغا ھەمنەپەس ،كۇلكىسگە جۆر بولغانىدى. ئۇلار بىزگە خوشاللىق بىغىشلىغان ئىدى.ئۇيغۇرغا خاس ئەسەرلىرى بىلەن كىملىكىمىزنى ھس قىلدۇرغان ئىدى. گۇزەل تەشەببۇسلىرى بىلەن بىرلىك تۇيغۇمىزنى كۇچەيتىكەن ئىدى. نۇرغۇنلىرى قۇللۇققا مەھكۇم بولدى.نۇرغۇنلىرى تەھدىت ۋە ۋەھشيانە ۋاستىلەر بىلەن بويسۇندۇرۇلدى. بىز ئۇلارنى ئەسلەيمىز،ھۇرمەت قىلىمىز، ئاللاھتىن ئۇلارغا توغرا يول ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمىز .
Comentarios