top of page

(2018)ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ :شېئىر

  • Writer: tahir imin
    tahir imin
  • May 7, 2020
  • 1 min read




تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان


كۆكتىن تامغان،يەردىن ئۈنگەن،

ئەسرلەپ جەڭلەردە يۈرگەن،

قېتئە ئارا دەۋرلەر سۈرگەن،

تارىختىن ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ!


ئورخۇن ئۇيغۇر بۇيۇك دۆلەت،

ئېدىقۇت سۈردى سەلتەنەت،

قاراخان چاچتى مەرىپەت،

ھەقىقەت ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.


ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشى سەنئەت،

كۈلكىسى،بەختى ھەم لەززەت،

يېغىسى،ئازابى نەپرەت،

ئ‍نسانكى،ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.


ئالەمگە مېھرىنى بەرگەن،

چۆللەردىن گۈللەرنى تەرگەن،

دۈشمەننى كېچىكىپ بىلگەن،

ئىبرەتلىك ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.


توغرا،خازان ۋەتىنىمىز،

رەزىل،كۈچلۈك رەقبىمىز،

ياق،تەۋرىمەس ئەقىدىمىز،

ئۇمىدلىك ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.


دۈشمەننىڭ رەزىللىكى بار،

دۇنيانىڭ كۆزى،كۈچى بار،

ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلاتلىرى بار،

ئويغانغان ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.



ئەڭ مېھرلىك ئۇيغۇرۇم،

ئەڭ ياراملىق ئۇيغۇرۇم،

مىڭ ھۈنەرلىك ئۇيغۇرۇم،

ئ‍شەنچلىك ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.


2018-يىلى،12-ئاينىڭ 25-كۈنى

Comments


Join our mailing list

Thanks for submitting!

  • Facebook Black Round
  • Twitter Black Round

© 2023 by Parenting Blog

Proudly created with Wix.com

500 Terry Francois St. San Francisco, CA 94158

info@mysite.com

Tel: 123-456-7890

Fax: 123-456-7890

bottom of page